Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاياغلاشتۇرماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
باشلىغان ئىش - ھەرىكەتنى ئورۇنلاپ بولماق، ئاخىرىغا يەتكۈزمەك.
باشلىماق
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىشقا دەسلەپ كىرىشمەك.
باشلاشنى بىلسەڭ، ئاياغلاشتۇرۇشۇڭ ئوڭاي. ھاراق ئىچىش - سەلتەنەت بىلەن باشلىنار، جەڭ - جېدەل بىلەن ئاخىرلىشار. بوران باشلانسا، داستىخان تاماملىنار. ئىشلىقنىڭ ئىشى پۈتەر، ئىشسىزنىڭ كۈنى ئۆتەر. باشلىغان ئىشنى تۈگەتمەي تاشلىما. ئىشنى باشلىساڭ ئەگەر، تىرىشىپ ئىشلە پۈتكەنگە قەدەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئاياغلاشماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
دوكتور چايدىن بىر يۇتۇم ئوتلاپ، خېلى ئاۋارە بولۇپ تەييارلىغان قورسىقىدىكى گېپىنى ئاياغلاشتۇردى.