Uyghurئاساسىي لۇغەت
خۇ سۇڭشەن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1880 - 1955) جۇڭگودىكى مۇفەسسىر، نىڭشيا تۇڭشىنلىق، خۇيزۇ. كىچىكىدىن باشلاپ دادىسىدىن قۇرئان ئۆگەنگەنىدى. 81 يېشىدا نەبى ئاخۇنغا شاگىرت بولۇپ كىردى. بۇ چاغدا ئىخۋانىيە تەلىماتى تارقالغانلىقتىن، ئۇستاز بىلەن شاگىرت بۇ تەلىماتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، نىڭشيا ۋە گەنسۇنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا <سۈننەتكە ئەمەل قىلىپ، دەھرىيلىكنى تۈگىتىش> نى تەرغىپ قىلدى. 1924 - يىلى شاڭخەي ئارقىلىق مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلدى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇنەن چاڭدېغا ئىماملىققا تەكلىپ قىلىندى. 1927 - يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، گۇيۈەندىكى سەنيىڭدا ئىمام بولدى. خۇيزۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى، قۇرئاننى خەنزۇچە بىلەن قوشۇپ سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلدى. 1937 - يىلى ۋۇجۇڭدا خەنزۇچە - ئەرەبچە دەرسخانا ئاچتى (كېيىن بۇ دەرسخانىنىڭ نامى خەنزۇچە - ئەرەبچە دارىلمۇئەللىمىنگە ئۆزگەرتىلدى). ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش داۋامىدا ياپونغا قارشى تۇرۇشنى پائال تەشۋىق قىلىپ، <دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىدە ياكى ھالەك بولۇشىدا مۆمىنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بار> دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىننى سۆيۈش، ۋەتەننىمۇ سۆيۈشنى تەشەببۇس قىلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنى مەزھەپ تالاش - تارتىشلىرىنى تۈگىتىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى جۇڭگونى گۈللەندۈرۈشكە چاقىردى. جۇڭگو خۇيزۇ مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك سىياسىي مەسىلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. <قۇرئان كەرىم>، ھەدىس، ئىلمىي تەۋھىد، ئىلمىي فىقھەلەردە خېلى چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولدى. <مۆمىنلەرنىڭ ئۈچ خەتلىك ئوقۇشلۇقى>، <نامازنىڭ قائىدىلىرى>، <ئەرەبچە گرامماتىكا ئاساسلىرى>، <پارسچە گرامماتىكا جەۋھەرلىرى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى تۈزدى.