Uyghurئاساسىي لۇغەت
خۇش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ياخشى، ماقۇل:
چىرايلىق، يېقىملىق:
شاد، خۇشال، خۇرسەن:
1.يالغۇز بول، رەنج پەرۋەرد ئولماق،
خۇشراق چۇ يامان رەفىقدەك فەرد ئولماق.
نەۋايى.
2. خۇش ئېرۇر كۆزلەرى بىمار دائىم،
ۋەلې خۇش ئۆزگەيۇ، بىمار ئۆزگە.
ھافىز خارەزمى.
3. خۇش ئېرۇر كۆزلەرى بىمار دائىم،
ۋەلې خۇش ئۆزگەيۇ، بىما رئۆزىگە.
ھافىز خارەزمى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ياخشى، ماقۇل؛ شات، خۇرسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رازى ۋە مەمنۇنلىقتىن كۆڭۈل ئېچىلىش، كۆڭۈل كۆتۈرلۈش ھالىتى.
« قىلماق، بولماق » بىلەن پېئىللىشىدۇ.
بەختىڭنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم. خۇشال بولغاندا، كۆزگە پالاكەت كۆرۈنمەس. خۇشال _ خۇرام ياشا، بەختىڭگە يارىشا. ئۆزگىنى يېيىشتىن كىمكى بولسا شاد، ئۇنى بۆرە دېگىن، دېمە ئادەمزات. ئازغىنا ئىشىڭدىن بولما خۇرسەن، ئۇندىن چوڭنى كۆرۈرسەن. يامانلىق قىلىپ بولما شادىمان، جازاسىنى تارتىدۇ ئاخىر يامان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆڭلى ئېچىلغان، كەيپى جايىدا، غەم - قايغۇدىن خالى كەيپىيات.
خاپا، رەنج، مالال، مەيۈس، كۆڭلى يېرىم
كۆڭلى بۇزۇلغان، كەيپى بۇزۇلغان، غەم - قايغۇ باسقان كەيپىيات.
قاغىلار <قاق> ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ. خۇشال چاغدا ئازابنى ئۇنتۇمىغان كىشى - ئاقىل كىشى. خاپا قىلساڭ دوستۇڭنى، خۇش قىلارسەن دۈشمىنىڭنى. ئازغىنا ئىشىڭدىن بولسا خۇرسەن، ئۇنىڭدىن چوڭنى كۆرىسەن. ئۆزگىنى يېيىشتىن كىمكى بولسا شاد، ئۇنى بۆرە دېگىن، دېمىگىن ئادەمزات. شادىمان بولسا يۈرىكىمىز، تالسىمۇ مەيلى بىلىكىمىز. خۇشال - خۇرام ياشا، بەختىڭگە يارىشا. ئاقىلغا پەس ئادەم كۆرسەتسە جاپا، كۆپ ئەلەم چەكمىسۇن، بولمىسۇن خاپا. غەم تېغىنى دوست ئارتسا، ئاڭا رەنج يوق. مالال بولما، مالامەت تارتما. مەيۈس بولساڭ، بوزەك بولىسەن. ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم، تولۇق ئەمەس.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قۇش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. خۇشال، شاد، خۇرسەن.
بۇ ئىشتىن ئۇنىڭ كۆڭلى خۇش ئىدى.
سۈپ. ياخشى.
ھاي - ھاي ئېتىم بارىدا خۇش كۆرىمەن يار سەنەم، مەن يارىمنى سېغىنسام چۈش كۆرىسەن يار سەنەم.
سۈپ. رازى.
قايغۇرماڭ، بۇ ئىشتا سىز بىزدىن چوقۇم خۇش بولىسىز.
ئى. كۆچمە. ئىشتىياق، زوق، مايىللىق، خاھىش.
ئۇنىڭ ھاراققا خۇشى يوق.