Uyghurئاساسىي لۇغەت
خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك
دۇنيا تارىخى
ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى خۇسۇسىيلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ پەيدا بولۇشى ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە، ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئۇنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، مېتال قورال - جابدۇقلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئەمگەك ئىش تەقسىماتى راۋاجلىنىپ، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى روشەن ھالدا ئۆسكەن. ئېشىنچە مەھسۇلات كۈنسېرى كۆپىيىپ بارغان. پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى ئائىلە شۇنداقلا يەككە ئائىلە ئىگىلىكى مەيدانغا كېلىش بىلەن خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ تىكلىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى تېزلەتكەن. ئاۋۋال ئىشلەپچىقىرىش قورال - جابدۇقلىرى، ھەربىي قوراللار ۋە ئۆزلىرى ئېلىپ يۈرىدىغان بۇيۇملاr، كېيىن چارۋا پادىلىرى، قۇللار ۋە ئۆي - ئىمارەت، تۇرار جاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى باغ - ۋارانلار، ئاخىرىدا يەرمۇ خۇسۇسىي مال - مۈلۈككە ئايلانغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ئاساسەن ئىككى تىپقا بۆلۈنىدۇ: يەككە (دېھقانلار ۋە مۇستەقىل قول ھۈنەرۋەنلەر) ئەمگەكنى ئاساس قىلىدىغان ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى ئاساس قىلىدىغان ئېسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكىدىن ئىبارەت. كېيىنكى تارىختا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئاساسلىقى قۇللۇق تۈزۈم، فېئوداللىق تۈزۈم ۋە كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىل بارلىققا كەلگەن؛ كاپىتالىزم - خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئالىي ھەمدە ئاخىرقى بىر خىل شەكلى. ئۈچ خىل خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكىنىڭ ئورتاق نۇقتىسى - ئاز سانلىق ئېكسپىلاتاتسىيەقىلىدۇ. بىراق ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئۇسۇلى بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ: قۇللۇق تۈزۈمدە، قۇلدارلار ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن قۇللارنىڭ ئۆزىنىمۇ ئىگىلىۋالغان بولىدۇ؛ فېئوداللىق تۈزۈمدە فېئوداللار ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىگىلىۋېلىش بىلەن ئەمگەكچىلەرنى تولۇق ئىگىلىۋالمىغان بولىدۇ؛ كاپىتالىستىك مۈلۈكچىلىكىدە، كاپىتالىستلار ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىگىلەيدۇ، ئەركىن ئەمگەك كۈچىنى سېتىپ تۇرمۇش ئۆتكۈزىدىغان ياللانما ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدۇ. بۇ پەرقلەر جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئىپتىدائىي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكىنىڭ ئورنىنى خۇسۇسىي مۈلۈكىچلىكىنىڭ ئىگىلىشى تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدىكى بىر ئىلگىرىلەش، جۈملىدىن جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى بىر قېتىملىق سەكرەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك سىنىپ ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مەنبە بولۇپ، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا سىنىپىي جەمئىيەتتىكى بارلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى يوقىتىش، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ئورنىغا پەيدىنپەي سوتسىيالىستىك، كوممۇنىزملىق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى دەسسىتىش پرولېتارىيات سوتسىيالىستىك ئىنىلابىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.