Uyghurئاساسىي لۇغەت
خوپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ماقۇللۇقنى بىلدۈرىدۇ.
خوپ دېسەڭ ئۇتىسەن، ھوپ دېسەڭ يۇتىسەن. ئالدىرىغاندا « لەۋەي » تېپىلماپتۇ. ماقۇلغا جاۋاب يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر جەھەتتىن تولۇق، ساق، ئۈستۈن ھالەت.
<ئەۋزەل>، <ئەلا>، <ساز>، <خوپ> لار ئادەمنى سۈپەتلەپ كەلمەيدۇ.
ياخشى ئېشىنى يەر، يامان بېشىنى يەر. ياخشى نەدە بولسا ياخشى. سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق، نان ياخشى. ھالال ئىشلەپ تاپساڭ ئەگەر ئارپا نان، خەقنىڭ ئاق نېنىنى يېگەندىن ئوبدان. كىشىنىڭ ئاغزىغا قاراپ، مەنسەپ تۇتقاندىن، ئۆز ئەركىگە ئىگە پۇقرا بولغان دۇرۇس. ئۆزىگە يارىشار ئەخمەقنىڭ چۈشى، نە بىر قىممىتى بار، نە تۈزۈك ئىشى. كىمنىڭ ئەگەر بەلەن بولسا ھىممىتى، كونا كىيىمىدىمۇ چوڭدۇر ئىززىتى. ئېيتىلغان سۆزدىن ئېيتىلمىغان سۆز ئەۋزەل. ۋاقىت ھەممىدىن ئەلا. بۈگۈنكى تۇخۇم ئەتىكى توخۇدىن ئەلا. ئاز بولسىمۇ، ساز بولسۇن. ئېسىل دوست يىراقلاشماس. مۇھەببەتنىڭ ئېسىلى دەسلەپكىسى. بوراندا ئۆز كۆزۈڭگە ئىشەنگىنىڭ خوپ، يامغۇردا ئۆز ئۆتۈكۈڭنى كىيگىنىڭ خوپ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىجابىي جاۋاب.
ياق، يوقسۇ، يوق
ئىنكار جاۋاب.
ھە، بارسام باراي. ھەئەدىن ئوبدان جاۋاب يوق، جىگەردىن ئوبدان كاۋاپ (يوق). بارغا خوپ، يوققا يوق. يۇمشاققا خوش، خوپ، قاتتىققا يوقسۇ، ياق. ئۆزى تىلىمەيدۇ، بەرسەڭ ياق دېمەيدۇ. ماقۇل دېسەڭ، خوپ دەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىم <بولىدۇ>، <ماقۇل> دېگەن مەنىدە، بىرەر ئىشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
خوپ دېسەڭ ئۇتىسەن، ھوپ دېسەڭ يۇتىسەن (ماقال).
رەۋ. ناھايىتى، خېلى، ئوبدان، ئوبدانلا.
ئۇزۇن چۆل يوللىرىنى بېسىپ كېلىپ قىلغان بۇ ئۇرۇش ئۇنى خوپ چارچاتقانىدى.
سۈپ. ناھايىتى ياخشى، ئەلا.
قەدىرسىز ياشىغىنىڭدىن، قەدىرلىك ئۆلگىنىڭ خوپ (ماقال).
سۈپ. مۇۋاپىق، لايىق، جايىدا، دەل.
بۇ پىكىر ئۇنىڭغا خوپ كەلگەنىدى.