Uyghurئاساسىي لۇغەت
خوببېس
دۇنيا تارىخى
(1588 - 1679) ئەنگلىيە مېخانىك ماتېرىيالىست پەيلاسوپى. پوپ ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1608-يىلى ئوكسفورد داشۆسىنى پۈتتۈرەن. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە كۆپ يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئەنگلىيە ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىدىكى چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنڭ ئىدىيىۋى ۋەكىلى بولۇپ قالغان. <تەبىئىي ھالەت> ۋە دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدىكى تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان. دۆلەت پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى ئىنسانلار تەبىئىي ھالەتتە تۇرغان، ئىنسانلار تەرتىپ ۋە تىنچلىقنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن شەرتنامە تۈزۈپ دۆلەت قۇرغان، دەپ قارىغان. ئۇ، <پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئىلاھ ئاتا قىلغان مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. پەقەت دىنىي جەمئىيەتنى دۆلەت ۋە پادىشاھنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا قويۇپ، >دۆلەت دىنى< ئارقىلىق خەلقنى چەكلەپ، >تەرتىپ< نى قوغدىماقچى بولغان. پاپا ۋە كاتولىك مۇخلىسلىرىنى سۆككەن. پەلسەپە جەھەتتە بېكوننىڭ ماتېرىيالىزمىنى سىستمىلاشتۇرغان. تەبىئەتنى بىلىش، تەبىئەتنى بويسۇندۇۇرش، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش - پەلسەپىنىڭ مەقسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. لېكى بېكوننىڭ >قوش ھەقىقەت< دېگەن تەلىماتىغا قوشۇلماي، ھەقىقەتكە ئېتىقادىن ئېرىشكىلى بولمايدۇ، ھەقىقەت تەجرىبە ۋە ئىلمىي تەجرىبىدىنلا كېلىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ھەممىنى ماتېماتىكا ۋە مېخانىكا بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان. گېئومېتىريە ئۇسۇلى يەنى ئەقلىي دېدوكتىۋ ئۇسۇل - تەپەككۇر ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، دەپ ارىغان. ئۇ تىپىك مېخانىكىلىق ماترىيالىزمچى بولۇپ، ئالەم مېخانكىلىق ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇۋاتقان جىسىم (ياكى ئەمەلىي مەۋجۇدىيەت) نى يىغىندىسى، ئۇ بىلگىلى بولىدىغان ھەقىقىي نەرسە دەپ ھېسابلىغان. >جىسىم ھەققىدە<، >لىۋىتان<، >ئادەم توغرىسىدا< قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. گومېرنىڭ داستانىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان.