Uyghurئاساسىي لۇغەت
خوپكىنىس
دۇنيا تارىخى
(1890 - 1946) ئامېرىكىلىق ئەمەلدار، 1921-يىلى گېلنېر شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1931 - يىلى ئەينى چاغدىكى نيۇ - يورك شتاتىنىڭ باشلىقى روزۋېلت ئىككى يىلدىن كېيىن زۇڭتۇڭ بولغاندا قوشما شتاتلىق ۋاقىتلىق جىددىي قۇتقۇزۇش مەھكىمىسى قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، زۇڭتڭنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى بولغان، روزۋېلتنىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى. ئىجارىگە بېرىش ئىشلىرىنى باشۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. كېيىن كۆپ قېتىم ئالاھىدە ئەلچى سۈپىتىدە ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، بەزى چوڭ - چوڭ تاشقى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان. 1945-يىلى ترۇمىن زۇڭتۇڭنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە موسكۋاغا بېرىپ پولشا مەسىلىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇش مەسىلىسىنى كېڭەشكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي جامائەت ئىشلىرىدىن چېكىنىپ چىققان. ئىككىنچى يىل كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.