Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئۆتمۈش جەمئىيەتتە ئېزىلگۈچى ئورۇندا تۇرغان ئەمگەكچى خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ كەڭ تارقالغان ئەدەبىي ئەسەرلەر. ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، خەلق ئاممىسى ئاغزاكى ئىجاد قىلىپ، ئاغزاكى تارقىتىدۇ، ھەمدە تارقىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز پىششىقلىنىپ، ئۆزگەرتىلىپ مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ.
خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى مۇتلەق كۆپچىلىك ئەسەرلەر بىۋاستە خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى، ھېسسىياتىنى ۋە غايىسىنى بىۋاستە ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ كۈچلۈك خەلقچىللىققا ئىگە. ئۇنىڭ تارىختىن بۇيانقى ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئەدەبىيات تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ كەلگەن، نۇرغۇنلىغان داڭلىق يازغۇچىلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىدىن ئوزۇن ئېلىپ ئۆز ئىجادىيىتى ئۈچۈن ئۆرنەك قىلغان ۋە ئىجادىنى بېيىتقان.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى ئۇزاق تارىخقا ۋە خىلمۇ خىل شەكىللەرگە ئىگە بولۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەك، ھېكايەت، داستان، مەشرەپ، قوشاق، ماقال، تەمسىل، ئىدىئوم، ئېيتىشىش، لەتىپە، چاقچاق ... قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇخەلق ئېغىز ئەدەبىياتى يەنە <خەلق ئېغىز ئىجادى>، <ئەل ئەدەبىياتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
يەنە ئاتالغۇلارنىڭ <فولكلور> ئىزاھىغا قاراڭ.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان تىلى.
خەلق ئېغىز تىلى قويۇق تۇرمۇش پۇرىقى ۋە مول ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئەدەبىي تىلىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئەدەبىي تىلنىڭ پىششىقلىنىشى، تاللىنىشى ۋە تاۋلىنىشىدا خەلق ئاممىسىنىڭ ئېغىز تىلىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا بولمايدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ئەڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خەلق ئېغىز تىلىدىن پۈتمەس - تۈگىمەس ئوزۇق ئېلىپ ئۆز ئىجادىدا قوللانغان. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاشۇنداق بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەلق بىىۋاسىتە ئىجاد قىلغان، خەلق ئارىسىدا كەڭ تارالغان ئېغىز ئەدەبىياتى: بېيىت، قوشاق، چۆچەك، رىۋايەت، ئەپسانىلار، ماقال - تەمسىل، تېپىشماق ۋە باشقىلار.
ھەر مىللەتنىڭ فولكلورلىرىنى توپلاش ئىشى ياخشى ئىشلىنىۋاتىدۇ. قۇمۇل ۋىلايىتى نەشىر قىلغان «قۇمۇل نەزمىلىرى» بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلەرنىڭ بىرى. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى - زور بايلىق. بۇ بايلىقنى ئېچىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز.
ئەدەبىيات بىلىملىرى
خەلق ناخشا - قوشاقلىرى، چۆچەكلىرى، ئەپسانە - رىۋايەتلىرى قاتارلىق خەلق ئىجاد قىلغان، ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىدىغان ئەسەرلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، تىلى ئاممىباب، شەكلى جانلىق بولىدۇ. ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتۈپ، تەكرار پىششىقلىنىپ بارا - بارا مۇكەممەللەشكەچكە، ئۇ ئاممىۋىلىققا، كوللېكتىپلىققا ئىگە بولىدۇ.
خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەمگەكچى خەلق ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، تەلىپى، غايىسىنىڭ ئىنكاسى، شۇنىڭدەك خەلقنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى ۋە ئىرادىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى. ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول، نۇرغۇن ئەسەرلەر يۈكسەك بەدىئىي سەۋىيىگە يەتكەن. خەلق چۆچەكلىرىدىن نۇرغۇنلىرى ئۈزلۈكسىز نادىر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئايلىنىپ، ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئۆزگەرتىپ يېزىلغان. يۇنان ئەپسانىلىرى ۋە ھومېر داستانلىرىمۇ شۇنداق، ئۇلار ئۆلمەس بەدىئىي سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇپلا قالماي، كېيىنكىلەر ئىجاد قىلالىشى تەس بولغان نەمۇنە ئەسەرلەردۇر.
ھەرقايسى ئەللەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى شۇ دۆلەت ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئېلىمىز تارىخىدىكى تۆت خەتلىق شېئىر، چۇ نەزملىرى، بەش خەتلىق شېئىر ۋە بېيىت، كۈي، ھەتتا رومان قاتارلىق ئەڭ مۇھىم ئەدەبىي ژانىرلاردىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن تۇغۇلمىغان بىرىمۇ يوق. چۈي يۈەن، لى بەي، دۇفۇ، بەي جۈيى، گۇەن خەنچىڭ، لۇشۈنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؛ چەت ئەل يازغۇچىلىرىدىن دانتې، بوكاچچولارنىڭمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەدەبىيات
ئەمگەكچى خەلق بىۋاستە ئىجاد قىلغان، ئەمگەكچى خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئەدەبىيات. ئۇ ئەپسانىلار، رىۋايەتلەر، خەلق چۆچەكلىرى، خەلق دراممىلىرى، ئەلنەغمىلەر، قوشاقلار ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.