Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەلق گېزىتى تەرەپدارلىرى
دۇنيا تارىخى
ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى فىرانسىيە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ بىر گورۇھى."خەلق گېزىتى" 1830-1851-يىللىرى پارىژدا نەشىر قىلىنغان كۈندىلىك گېزىت. بۇ گېزىت ئەتراپىدا مۇھەررىر مارراست (1801-1852) باشچىلىقىدىكى مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچىلەر گۇرۇھى شەكىللەنگەن. بۇ گۇرۇھتىكىلەر ئۈچ خىل رەڭلىك بايراقنى ئۆزىنىڭ تۇغى قىلغاچقا، ئۈچ رەڭلىك بايراقلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر دەپمۇ ئاتالغان. ئۇلار سانائەت بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇپ قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ سايلام ئىسلاھاتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1848-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىي ۋاقتىدا بۇ گۇرۇھتىكى مارراست لامارتىن قاتارلىق يەتتە كىشى 11 كىشىلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قاتناشقان.لۇئى بوناپارت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدە ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلغان.1851-يىلى 2-دىكابىردىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن"خەلق گېزىتى "مۇ نەشىر قىلىنىشتىن توختىلغان