Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەلق ئىرادىسى پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
روسىيە نارودنىكلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى. 1879- يىلى كۈزدە پېتربۇرگدا قۇرۇلغان. ژېيابوۋ (1851 - 1881)، پېروۋسكايا (1853 - 1881) ۋەفىگنېر (1852 - 1942) باشچىلىقىدىكى ئىجرائىي كومىتېت رەھبەرلىك قىلغان. كۆپلىگەن شەھەرلەردە شۆبىسى قۇرۇلغان. ئۇلار شەخس تېرررورلۇقنى چار پادىشاھ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئاساسىي كۈرەش ۋاسىتىسى قىلغان. 1881-يىلى 3-ئايدا ئالېكساندر Ⅱ نى ئۆلتۈرگەن. ئىنقىلابىي ئاممىۋى ھەرىكەتتىن ئايرىلىش ۋە ئىچكى بۆلۈنۈش سەۋەبىدىن، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھايىتى تېزلىك بىلەن بىتچىت قىلىۋېتىلگەن. <نارودنىكلار>غا قارالسۇن.