Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋەسىل (ۋەسلى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۇچرىشىش، قوشۇلۇش، بىرلىشىش، ئېرىشىش(يار ھەققىدە):[مىسال:] يارنىڭ ۋەسىل جامالىنى تىلەيدۇ نۆبىتى، رەھمە قىلغىل مەن غېرىبقا بار ئىمكانىم ساڭا.[يەشمىسى:] ② دىدار، جامال:[مىسال:] رازى ئىدىم كۆرۈپ ئۆلسەم ۋەسلىڭنى، ياشلىق ئىزىم قالغان ئەلۋەك ماكاندا.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مال-مۈلۈك، بايلىق:[مىسال:] ئوغلىغا ھەسەل ئېلىپ بېرىۋېتىپ دېھقاننىڭ ۋەسلى ئازلاپ، پۇلى تۈگەپتۇ.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىممىتى:[مىسال:] ھۆسنىخاننىڭ ئون كۆڭلىكى بار، بىر كۆڭلەكچىلىك ۋەسلى يوق (ماقال).