Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋەسىيەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ۋەسىيەت، پەند - نەسىھەت؛
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تاپشۇرۇق، ئۆلۈم ئالدىدىكى كىشىنىڭ سۆزلىرى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
كەڭ مەنىدە ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ مىراسىنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بويىچە تەقسىم قىلىش ھەمدە ۋاپات بولغاندا كۈچكە ئىگە بولىدىغان قانۇنلۇق قىلمىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنداق قىلىش قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ مىراسنى بىر تەرەپ قىلىش ئادىتى بولۇپ، كېيىن <قۇرئان كەرىم> دە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. لېكىن، سۈننىي مەزھىپىدە سۈننەت دەپ قارىلىپ داۋاملىق قوللىنىلىپ، مىراس تەقسىم قىلىشنىڭ قوشۇمچە شەكلى قىلىندى. ئۇنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) ۋەسىيەت بويىچە تەقسىم قىلىنىدىغان مىراس مەرھۇمنىڭ ساپ مۈلكىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى بىلەن چەكلىنىدۇ؛ (2) ئۈلۈش بويىچە ۋارىسلىق قىلغۇچىدا مىراسقا مۇشۇ شەكىلگە ئاساسەن ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ (3) ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھايات ۋاقتىدا ۋەسىيەتنى ئادىللىق بىلەن قالدۇرغان بولۇشى كېرەك. ئەقىل - ھۇشى جايىدا بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمان يېزىق ياكى ئاغزاكى شەكىلدە ۋەسىيەت قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. لېكىن، مەقسىتى خاتاسىز - ئېنىق بولۇشى كېرەك؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا، مەسىلەن، پالەچ بولۇپ تىلىدىن قالغاندا، ۋەسىيەتنى قول ياكى باش ئىشارىتى بىلەن ئىپادىلىسە بولىدۇ. شۇنداق قىلىش ئۇ كىشىنىڭ ئىختىيارى بىلەن بولۇشى كېرەك؛ باشقىلارنىڭ كۈشكۈرتىشى، مەجبۇرلىشى، ئالدىشى بىلەن قىلىنغان ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئىسلام دىنىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ۋەسىيەتلەرمۇ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆلگۈچىنىڭ بالا - چاقا ياكى يېقىنلىرىغا ئېيتىپ ياكى يېزىپ قالدۇرغان تاپشۇرۇقى، نەسىھىتى.
بوۋاي بالىلىرىغا: - بۇندىن كېيىن ھەر قېتىم چاي ئىچكەندە قەنت سالماي ئىچمەڭلار، بۇ مېنىڭ ۋەسىيىتىم، - دەپتۇ.
<قا> ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا يېزىپ ياكى باشقىلارغا ئاغزاكى ھاۋالە قىلىپ قويغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇسۇللار بويىچە مىراسلىرىنى ۋە باشقا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەمدە ئۆلگەن ۋاقتىدا كۈچكە ئىگە بولىدىغان قانۇنىي تاپشۇرۇق.