Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ئىئانە قىلىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇنىڭدا ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى (ئالاھىدە قالدۇرۇلغان قىسمى بۇنىڭ سىرتىدا) بەلگىلىگەن ئادەمگە ئىئانە قىلغانلىقى توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، ۋاپات بولغاندا ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە قىلىنىدىغان قانۇنلۇق ھەرىكەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىسلام شەرىئىتىدە ئىئانە قىلىش بىلەن ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىش ئوتتۇرىسىدا بەزىدە تالاش - تارتىش بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە مەرھۇمنىڭ كېسىلى خەۋپلىك مەزگىلىدىكى ئىئانىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە، بىر كىشى ۋەسىيەت قالدۇرغاندىن كېيىن، ساقىيىپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ ئىئانە قىلغان مۈلكى ھاياتىدىكى ئىئانە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ئىئانە قىلىش ھېسابلىنىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ئىئانە قىلىشنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش - بولماسلىقىغا مەھكىمە شەرئى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.