Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاڭ جيەن
دۇنيا تارىخى
(877 - 943). چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. يەنى كورىيە تەيزۇسى (918 - 943). تەخەللۇسى روتيەن. سۇڭيۆ ۋىلايىتى (پايتەخت ئەتراپى ۋىلايىتى كېسون شەھىرى) دىن سىللا دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىدا گوڭيىغا بېقىنىپ، سۇڭيۆ شەھەر خوجىسى، تيېيۈەن ۋالىيسى بولغان. جەڭدە ئارقا - ئارقىدىن تۆھپە قوشقاچقا، گۇڭيىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ ئالىي ئەمەلدارىغا ئايلاغان. يەنە غەربىي جەنۇبى دېڭىز رايونىدىكى ئەسكەرلەرگە قوماندانلىق قىلىپ، ئەمەلىي كۈچى تەدرىجىي كۈچەيگەن. مىلادى 918 - يىلى گۇڭيىنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن، باشقىلار تەرىپىدىن خان قىلىپ تىكلىنىپ كورىيە سۇلالىسىنى قۇرغان. كەيجىن (كېسون شەھىرى) نى پايتەخت قىلىپ جېنشۈەننىڭ كېيىنكى پېكچى دۆلىتى ۋە سىللا خانلىقى بىلەن تىركىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. 935 - يىلى سىللا دۆلىتىنىڭ چىڭ شون خانى تەسلىم بولغان. 936 - يىلى كېيىنكى پېكچى دۆلىتىنى يېڭىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن، سىللا دۆلىتىنىڭ كونا تۈزۈلمىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى تەرتىپكە سېلىپ، مەركەزدە ئۈچ ۋازارەت (ھۈدەيچى - شىغاۋۇل ۋازاىتى، باش دىۋان ۋازاىتى، ئۈچ مەھكىمە)، ئالتە پىرقە، توققۇز دىۋان، ئىككى قوشۇن، خانلىق ياساۋۇل تەسىس قىلىنغان؛ يەرلىكتە ئايماق، مەھكىمە، ۋىلايەت، ناھىيە، بۇچۈلەرنى تەسىس قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن ھاكىمىيەتنى يولغا قويغان، بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان.