Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاڭ دەييۈي
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1570 - 1660) مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۆتكەن ئىسلام ئۆلىماسى، قارى. جىڭلىڭلىق (ھازىرقى جاڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىن شەھىرىدىكى جاڭنىڭ ناھىيىسىدىن). خۇيزۇ، كىچىكىدە ئائىلىسىدە ئوقۇپ، ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلار بىلەن پىششىق تونۇشقان. چوڭ بولغاندىن كېيىن، بۇددا دىنى، كۇڭزى تەلىماتى، داۋجاۋ ۋە ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇدى. كېيىن ئىسلام ئەقىدىسىگە بېرىلىپ، ئىسلام دىنىنى خەنزۇچە تونۇشتۇرۇشقا بەل باغلىدى. ئۇزۇن مۇددەت كىتاب تەرجىمە قىلىپ، ئىسلام ئەقىدىسى توغرىسىدا كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلەشتى. قېرىغاندا قۇرئان تەپسىر قىلدى. ئالەمدىن ئۆتكەندە بېيجىڭدىكى سەنلىخې مەسچىتىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. ھاياتىدا <ھەقائىقۇد دىنىل قەييىم>، <ھەقىقەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ توغرا جاۋابى>، <مەجۇئەتۇل دۇرۇس - ئەل ئىسلامىيەت> قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى. ليۇجى، ماجۇ، مافۇچۇلار بىلەن بىر قاتاردا خۇيزۇلار ئىچىدىكى تۆت ئالىمنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەندى.