Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلىق _ پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى.
ئالدىنقى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ھون، تۈرك، ئۇيغۇر ھۈكۈمرانلىرىنىڭ ئاتىلىشى؛ ئىككىنچى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمرۈنلارنىڭ ئاتىلىشى؛ ئۈچىنچى چېكى
خان _ قوزۇق، پۇقرا _ ئوزۇق. ئۆردەك يوق كۆلدە لايخورەك خان بوپتۇ. بەگ بىلەن ئېلىشما، دەرەخ بىلەن چېلىشما. بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭنى ئوشاتاي. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. بالا بۆشۈكىدىن يىقىلغۇچە، شاھ تەخىتتىن غۇلىسۇن. ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
بىرەر نەرسىنىڭ ئېتىلىشى، يېرىلىشى، پارتلىشى ۋە تۇيۇقسىز تېگىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.
مىلتىق <ۋاڭ> قىلىپ ئېتىلدى.
<ۋاڭ> قىلىپ بازغاندەك تەگكەن بىر مۇشت بىلەن تەڭ باي ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا گۈپ قىلىپ ئۇچۇپ چۈشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
ۋاڭلىق تۈزۈمىدىكى يۇقىرى مەنسەپ نامى ۋە شۇ مەنسەپكە ئىگە بولغان كىشى. بۇ مەنسەپ خان تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. خان، پادىشاھ.