Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىمەك
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەريوقىلاڭ ئىشتىن قۇسۇر تېپىشقا ئۇرۇنماق، يوق يەردىن كەمچىلىك تېپىپ، باشقىلارنى ناھەق، يولسىز ئەيىبلىمەك: ئۆزگىنىڭ ئەجرىنى، شان - شەرىپىنى، كىر ئىزدەپ ھەمىشە تىرناق ئاستىدىن، تۇتۇشقا ئۇستا كولۇلىسىدىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يوقىلاڭ ئىشتىن كەمچىلىك تېپىپ، باشقىلارنى ناھەق، يولسىز ئەيىبلىمەك.
ئىمىن ئۇنىڭ بەزى كەمچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرسە، ئۇ <تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەۋاتىدۇ>، <پادا باققاندا دوست بولۇپ، ياڭاق چاققاندا ئايرىلغان ئوخشايمىز> دەپ گۇمانلىنىپ يۈردى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.