Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىرمىزى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەددەس. سۈننىي مەزھىپىدە ھۆرمەتلىنىدىغان ئالتە چوڭ ھەدىسلەر توپلىمىنى توپلىغان ئۆلىمالارنىڭ بىرى. تىرمىز (ئافغانىستاندىكى بەلخنىڭ يېنى) دا دۇنياغا كەلدى ۋە شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قارغۇ ئىكەن. تىرمىز خۇراسان، ئىراق، ھىجاز قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ھەدىس توپلىدى ۋە ئىبنى ھەنبەلى، بۇخارى قاتارلىق كىشىلەردە ئوقۇدى. <سەھىھ> (قاھىرە نۇسخىسىنىڭ ئاتىلىشى)، <جامىئۇل تىرمىزى> ۋە <شامەئىل> نامىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلىتىگە دائىر رىۋايەتلەر بايان قىلىنغان كىتابلارنى نەشر قىلدۇردى. ھەدىس رىۋايەت قىلىپ بەرگۈچىلەرنىڭ ئەۋلادىغا باھا بەردى، ھەر بىر ھەدىسنىڭ كەينىدە ئەھلى فىقھەلەرنىڭ پەرقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ توپلىغان ھەدىسلىرى ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە نەسائىلار توپلىغان ھەدىسلەر بىلەن قوشۇلۇپ، <سۇنەن> دېيىلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى خېلى كەڭ بولۇپ، فىقھەدىن باشقا، ئىلاھشۇناسلىق، تەقۋادارلىق، رىيازەت، ھەرىكەت، تەربىيە، ئەۋلىيالارنىڭ تەرجىمىھالى، تارىخ قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. لېكىن يوقىلىپ كېتىپتۇ.