Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىرناق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم( « تىرنا » غا ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە « ق » قوشۇلغان ).
ئادەمنىڭ پۇت _ قول، بارماقلىرىنىڭ ئۇچىدا گۆش ئۈستىدىكى، ھايۋان، قۇشلارنىڭ پۇتى، پەنجىسى ئۈستىدىكى قاتتىق جىسىم.
تىرناق ئالماق.* تىرناق ئالغۇچ.* مۈشۈكنىڭ تىرنىقى.* قارچىغىنىڭ تىرنىقى.* يولۋاسنىڭ تىرنىقى.* تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىمەك.* تىرناق ئەتتىن ئايرىلماس ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. ماتېماتىكا ئاتالغۇسى. ( « تىرناقⅠ » <) ئارىفمېتىكىلىق، ئالگىبىرالىق ئىپادە بىر قانچە سان ياكى ئەزانىڭ ئىلگىرى _ كېيىنلىك تەرتىپى ۋە مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىلەر. بۇنىڭ چوڭ تىرناق }{،ئوتتۇرا تىرناق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىنىش بەلگىلىرىنىڭ بىرى، ئىزاھ جۈملىلەر ئارىسىدا بېرىلسە، تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ؛ كىشلەرنىڭ ياشىغان ۋاقتى تىرناق ئىچىدە بېرىلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆچۈرگەندە، ئاپتور سۆز قوشسا، قوشۇلغان سۆز تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ؛ كۆچۈرمە سۆزلەردە، خاتاسى تۈزىتىلگەندە،
تېكىستنى ئوقۇغاندا، تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان سۆز _ جۈملىنى تېكىستتىن پەرقلىق ئوقۇش كېرەك.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
>تىرڭاق< قا قارڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بارماق ئۇچىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى گۆشكە يېپىشقان مۈڭگۈزسىمان قىسمى.
تىرناق ئالماق. تىرنىقى ئۆسمەك.
بەزى ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ پۇت، پەنجىلىرىنىڭ ئۇچىدىكى ئۆتكۈر مۈڭگۈزسىمان قىسمى.
بۈركۈتنىڭ ئۆتكۈر تىرنىقى تۈلكىنىڭ كۆزىگە پاتتى.
كۆچمە. زۇلۇم، قىيىن - قىستاق.
قىز شۇنداق قىلىپ 60 ياشلىق پومېشچىكنىڭ تىرنىقىدا مىجىلدى.
>مات< ئارىفمېتىكىلىق ياكى ئالگېبرالىق ئىپادىدە بىرقانچە سان ياكى ئەزانىڭ بىرىكىش مۇناسىۋىتى ۋە ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە. ئۇنىڭ كىچىك تىرناق ()، ئوتتۇرا تىرناق ]