Uyghurئاساسىي لۇغەت
توخۇ بىلگىنىنى چىللايدۇ
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ئادەم ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى، خالىغىنىنى قىلىش، ئويلىغىنىنى سۆزلەش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ: يۈسۈپ تەيجى تەمكىنلىك بىلەن: - خاپا بولماڭ ئۇچبېگى، « توخۇمۇ بىلگىنىنى چىللايدۇ»، «ئىتمۇ ئۆز كوچىسىدا ئۆزىنى خوجا سانايدۇ» دېگەن گەپ بار. ئۇ ئۆزىنى مەن باشلىق دېسە، دەپ تۇرمامدۇ، بىز ئىشىمىزنى قىلىۋېرەيلى، ئۇنىڭغا بىر نېمە دېسەك ھازىرلا چۈجە خورازدەك ھۈرپىيىپ قوپىدۇ، - دېدى ئۇ.