Uyghurئاساسىي لۇغەت
توخرىيلار
دۇنيا تارىخى
مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جۇڭگونىڭ دۇڭخۇاڭ (دەشت ئاتا) بىلەن چىليەنشەن (قۇلانتاغ) تېغى ئارىلىقىغا جايلاشقان بىر كۆچمەن قەبىلە. تەخمىنەن مىلادىدىن 165 يىل ئىلگىرى ھونلارنىڭ قايۇق رۇشات تەڭرىقۇت (مىلادىدىن ئىلگىرى 174 - 161) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. ئۇلار تىيانشاننىڭ شىمالىي ئارقىلىق ئىلى دەريا ۋادىسىغا بېرىپ، ساكلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ يېرىنى تارتىۋالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 161 يىل ئىلگىرى (خەن ۋېندىنىڭ خۇيۈەن 3 - يىلى) يەنە ئاسىيۇلارنىڭ ھۇجۇمىغائۇچراپ، غەربتە ئوكسۇس دەرياسى (ھازىرقى ئامۇ دەرياسى) رايونىغا كۆچۈپ كەتكەن. مىلادىدىن 130 يىلى ئىلگىرى باكتىرىيىنى بويسۇندۇرۇپ، ماۋرائۇننەھر (ئامۇ دەرياسى ۋە سىردەرياسى ۋادىسى) نى كونترول قىلىۋالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 128 يىل ئىلگىرى (خەن ۋۇدىنىڭ يۈەنشۇ 1 - يىلى)، جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە چىقىپ، مۇشۇ يەرگە بارغانىدى. <كېيىنكى خەننامە. غەربىي يۇرتلار تەزكىرىسى> دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا،شۇ كەملەردە ئۆز تەۋەسىدە ۋاھان، سياماكا،كۇشان، يارۋان، كابۇلدىن ئىبارەت بەش بەگلىككە (قەبىلە باشلىقى) ئايرىلغان. مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، كۇشان بەگلىكىنىڭ بېگى كۇجۇلا كادىپس قالغان تۆت قەبىلىنى يۇتۇۋېلىپ، ئۆزى خان بولۇۋالغان ۋە كۇشانىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان.