Uyghurئاساسىي لۇغەت
توخۇ دۈملىمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
سېمىز، ياش توخۇ بىر دانە، كاۋاۋىچىن ئارىلاش تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇڭپىياز ئۈچ تال، زەنجىۋىل ئازراق، قوۋزاقدارچىن ئازراق، شورپا ئازراق، ئاق شېكەر ئازراق، شاكال بەدىيان بەش تال، كۈنجۈت يېغى ئازراق، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام).
1 . توخۇنى بوغۇزلاپ، تۈكلىرىنى يۇڭداپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇغاندىن كېيىن (توخۇنى قاسقاندا دۈملىگەندە تېرىسىنىڭ تېشىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تۆش سۆڭىكى چېقىپ يۇمشىتىلىدۇ)، ئىچى ۋە تېشىغا تۇز، سېرىق ھاراق سۈركىلىدۇ. زەنجىۋىلنى سوقۇپ، ئۇنىڭغا شېكەر، كاۋاۋىچىننى ئارىلاشتۇرۇپ، زەنجىۋىل، شېكەر، كاۋاۋىچىن ئۇنى تەييارلىنىدۇ.
2. توخۇنى چوڭقۇر قاچىغا سېلىپ، زەنجىۋىل، سۇڭپىياز، سوققان قوۋزاقدارچىن، شاكال بەدىيانلارنى سېلىپ، قاسقانغا قويۇپ دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 - دەرىجە قىزىتىپ، دۈملەنگەن توخۇ گۆشىنى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىپ، ئۈستىگە كۈنجۈت يېغى سۈركەپ تەخسىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ قويۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
تەييارلانغان كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل ئۇنىڭغا تۇز، ئارىلاشتۇرۇپ سۇڭپىيازلارنى باشقا - باشقا كىچىك تەخسىلەرگە ئېلىپ توخۇ گۆشى بىلەن بىللە قويۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئىككى يېرىم كىلوگراملىق سېمىز، ياش توخۇ بىر دانە، قوۋزاقدارچىن ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق، ئاق شېكەر ئازراق، پەمىدۇر مۇرابباسى مۇۋاپىق، سېرىق ھاراق ئازراق، يۇمغاقسۈت ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، زەنجىۋىل ئازراق، قارىمۇچ مۇۋاپىق، سۇڭپىياز ئىككى تال، سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 105 گرام)، تۇز مۇۋاپىق.
1 . توخۇنى بوغۇزلاپ تازىلىغاندىن كېيىن تۆش سۆڭىكىنى چېقىپ يۇمشىتىپ، ئىچى - تېشىغا كاۋاۋىچىن، تۇز، سېرىق ھاراق سۈركەپ، چوڭقۇر قاچىغا سېلىنىدۇ، ئۈستىگە سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، قوۋزاقدارچىن، سېرىق ھاراق سېلىپ، قاسقانغا قويۇپ دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. سۇڭپىياز ئۇششاق چانىلىدۇ، زەنجىۋىلمۇ سو
قۇلىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، دۈملەنگەن توخۇ گۆشىنى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىپ، ئۈستىگە كۈنجۈت يېغى سۈركەپ، ھەرقايسى بۆلەكلىرى بويىچە پارچىلاپ، ئاندىن يەنە توخۇنىڭ پۈتۈن شەكلى بويىچە تەخسىگە تىزىلىدۇ.
3. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، پەمىدۇر مۇرابباسى، ئاق شېكەر، تۇز، تېتىتقۇ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيام ياساپ، ئۇنىڭغا پارقىراتما ياغ سېپىپ تەخسىگە تىزىلغان توخۇ گۆشىنىڭ ئۈستىگە قو
يۇلىدۇ.