Uyghurئاساسىي لۇغەت
توۋنسېند نىزامى
دۇنيا تارىخى
1767 - يىلى ئەنگىلىيە پارلامېنتى شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىش، زۇلۇم ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ماقۇللىغان تۆت قانۇننىڭ ئومۇمىي نامى. ئەنگىليە مالىيە ۋەزىرى چارلېس توۋنسېند (1725 - 1767) تۈزگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرگە كىرگۈزۈلىدىغان ماللاردىن چاي بېجى ئېلىنىدىغانلىقى، مۇستەملىكىلەر تاموژنىسى قۇرۇلىدىغانلىقى، ئېلىنغان چېگرا بېجى مەمۇرىي دائىرىلەر ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى،ئەنگىلىيە ئەمەلدارلىرىدا جايلاردا چەكلەنگەن ماللار ۋە ئەتكەسچىلىك ماللىرىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى بارلىقى، مۇستەملىكىلەردىكى خەلقىنىڭ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنى بېقىش ئۈچۈن ئالاھىدە باج تاپشۇرۇشى شەرتلىكى بەلگىلەنگەن. نىزام نيۇ - يورك، ماسساچۇسېت شتاتلىرىدىكى خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى شتات پارلامېنتىنى تارقىۋېتىش يولى بىلەن قىسماقچى بولغان، لېكىن تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن قىسمەن بەلگىلىمىلەرنى بىكار قىلىشقا مەجبور بولغان، لېكىن چاي بېجى قاتارلىقلارنى يەنىلا ساقلاپ قالغان. بۇ <بوستون چايچىلىرى ۋەقەسى> نىڭ پارتىلىشىغا سەۋەب بولغان.