Uyghurئاساسىي لۇغەت
توۋلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق ئاۋازدا سۆزلىمەك.
كىمكى سۈتكە سۇ قاتار، ۋارقىراپ ماختاپ ساتار. سۈتۈڭ تۆكۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن ۋارقىرىساڭمۇ - ۋاقىرىمىساڭمۇ بەرىبىر. ئازغان ئەخمەق توۋلىساڭمۇ ئاڭلىماس. ئوغرىمۇ توۋلايدۇ، ئۆي ئىگىسىمۇ توۋلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
خېلى يىراقتىكى كىشىلەرمۇ ئاڭلىغۇدەك قىلىپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئېيتماق؛ ۋارقىرىماق.
ساۋاقدىشى مۇختەر ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى - دە: - مېنىڭ، مېنىڭ پۇلۇم چۈشۈپ قاپتۇ، - دەپ توۋلىدى.
ئۇ، ئۆزىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان سەلىمنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ، بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى - دە: - سەلىمە، سەلىمە، - دەپ توۋلىدى.
داد - پەرياد سالماق، ۋارقىرىماق.
باي شوتىدىن يىقىلغىلى تاس قاپتۇ ۋە ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ توۋلاپتۇ.