Uyghurئاساسىي لۇغەت
توياما مىتسۇرۇ
دۇنيا تارىخى
(1855 - 1944) ياپونىيەدىكى ئوڭ قانات رونىنلارنىڭ كاتتىبېشى. ياشلىقىدا كلاسسىك ئەسەرلەر توپلاملىرىنى ئۆگەنگەن. ھاگى قالايمىقانچىلىقىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، 1876 - يىلى قولغا ئېلىنغان. غەربىي جەنۇب ئۇرۇشىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئوڭ قانات تەشكىلاتلىرىدىن گېنيوشا، ئامۇر دەريا ئۇيۇشمىسى، رونىكاي ۋە بۈيۈك ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىش پارتىيىسىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ بۈيۈك ئاسىياچىلىقنى كۆككە كۆتۈرۈپ، چاۋشىيەننى يۇتۇۋېلىشنى، جۇڭگوغا باستۇرۇپ كىرىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن شەخسىي ئۇچرىشىشلاردا بولۇپ، تاجاۋۇزچىلىق مەخپىي پىلانلىرىنى تۈزۈشكە دائىم پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قاتناشقان. ئىلغار كۈچلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان، ئۇسىياسىي ساھە، مالىيە ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن. جۇڭگو شىنخەي ئىنقىلابى ھارپىسىدا باشقا بىر غەرەزلەر بىلەن سۇن جۇڭشەن ۋە تۇڭمېڭخۇينىڭ بىر بۆلەك ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان. ياپونىيە جاھانگىرلىكى ھەر قېتىم جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندا، ئۇ قول ئاستىدىكىلىرىنى جۇڭگوغا ئەۋەتىپ ھەرىكەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئوڭ قانات ئۇنسۇرلار كاتتىباشلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەردىن چىققان