Uyghurئاساسىي لۇغەت
توپچىسىمان ھايۋانلار
بىئولوگىيە
ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى بىر كىچىك تىپ. ئۇلارنىڭ بەدىنى ئوزۇنچاق، بوغۇملارغا بۆلۈنمەيدۇ. ئوڭ - سول سىممېترىك، دۈمبە، قورساقلىرى ياپىلاق، تاسما شەكىللىك، بەزىلىرى سىلىندىرسىمان، كىچىكلىرى ئاران بىر نەچچە مىللىمېتىر، ئايرىملىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىرغا يېتىدۇ. رەڭگى مۇرەككەپ، ئاق، سېرىق، قوڭۇر ۋە ئاپېلسېن رەڭ قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. باش قىسمى روشەن ئەمەس. بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدە كۆپىنچە كۆز توچكىسى ياكى باشقا سەزگۈ ئورگانلىرى بولىدۇ. مۇكەممەل ھەزىم قىلىش يولى بولۇپ، ئېغىزى، ئانۇسى بار. ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئالدى قىسىم دۈمبە تەرىپىدە بىر ئۇزۇن تۇيۇق خالتىسى بولۇپ <تۇمشۇق بوشلۇقى> دېيىلىدۇ. بۇنىڭدا توپچىسىمان قۇتلاردىكى ئالاھىدە تۈزۈلۈش بولغان ئۇزۇن تۇمشۇقى ساقلىنىپ سىرتقا ئۆرۈلۈپ چىقالايدۇ ياكى تۇمشۇق بوشلۇقىغا قىسقىراپ كىرەلەيدۇ، تۇمشۇق ئۇچىدا ئۇزۇقلۇق تۇتۇش ۋە كۈشەندىلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشتە ئىشلىتىلىدىغان تىكىنى ۋە زەھەر بېزى ۋە يېپىق قان ئايلىنىش سىستېمىسى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يەككە جىنسلىق. كۆپىيىش بەزلىرى بەدىنىنىڭ يان تەرىپىگە جۈپ - جۈپ بولۇپ جايلاشقان، قايتا تۆرىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. بەلگىلىك مەزگىللەردە دائىم ئۆزلۈكىدىن بىر قانچىگە پارچىلىنىپ ھەربىر پارچىسى يېڭى ئىندىۋىد بولۇپ يېتىلەلەيدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ھازىر مەلۇم بولغان تۈرلىرى تەخمىنەن 500 دىن ئارتۇق بولۇپ، زور كۆپچىلىكى دېڭىز بويلىرىدىكى دېڭىز يۈسۈنلىرى، تاش يېرىقچىلىرىدا ھايات كەچۈرىدۇ. ياكى ئۆزى سېكرېتسىيىلەپ چىقارغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق نەيچىسىگە ماكانلىشىپ لاي، قۇملارغا كۆمۈلۈپ ياشايدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرى تاتلىق سۇ ياكى نەم توپىلاردا ھايات كەچۈرىدۇ. پارازىتلىنىدىغانلىرىمۇ بار، مەسىلەن، ئۇزۇن توپچىسىمان قۇرت (Lineus