Uyghurئاساسىي لۇغەت
توپتىن ئايرىلغاننى بۆرە يەر
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ئاممىدىن، جامائەتچىلىكتىن ئايرىلغاندا چوڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى، ھەر ۋاقىت ئامما، جامائەتچىلىك بىلەن بىللە بولۇش، بىرلىكتە ياشاش زۆرۈرلكىنى بىلدۈرىدۇ: ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئالدىراپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە شەۋكەتنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى. ئۇلار خۇددى «توپتىن ئايرىلغاننى بۆرە يەيدۇ» دېگەن كونا ئەقىدىنىڭ كۈچى بىلەن ئاشۇنداق قىلغاندەك تۇراتتى.