Uyghurئاساسىي لۇغەت
توغرا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
نەرسىنىڭ كەڭلىكى، ئېنى، ئانتونىمى: ئۇزۇنى.
ئۇزۇنى 66 مېتىر، توغرىسى 11 مېتىر يەر بىر مو بولىدۇ.* ئۇزۇندىن سەن پايدا ئالدىڭ، توغرىسىدىن مەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
1. چىن، ھەق، راست، گەنجىڭ، ھەقىقىي.
توغرا يول.* توغرا پىكىر.* توغرا باھا.* توغرا سۆزلىمەك.* توغرا سۆز تاشنى يارار، ئەگرى سۆز باشنى ( ماقال ).* توغرا ئادەم سايىسىنىڭ ئەگرىلىكىدىن قورقمايدۇ ( ماقال ).
2. تۈز، ئەگرى يېرىق يوق. تۈز يول، تۈز يەر.* ھەر كىمكى توغرىدۇر شادلىققا يەتتى، كىمكى ئەگرى بولسا يېتەلمەي كەتتى.
3. بىر يۆنىلىشكە قارىمۇ قارشى ئورۇنلاشقان. توغرا تام.* توغرا قىر.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
دۇرۇس، دەرۋەقە.
توغرا ئويلاپ، توغرا يۈرگەن ھەر كىشى،
بىلگىنكى مۇستەھكەم ئۇنىڭ ئىشى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
قىستۇرما سۆز
توغرا، سەۋرى ئاچچىق، لېكىن ئاقىۋەت
تاتلىق مېۋە بېرىدۇ ھەم كۆپ مەنپەئەت.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
توغرىماق، توغراش. كېسىپ، چاناپ، ھەرىلەپ ئۇششاق _ ئۇششاق قىلماق.
گۆش توغرىماق.* چۆپ توغرىماق.* ئۇتياش توغرىماق.* گۈلەندەم ئۈگرە توغراشقا ئۇستا، مەن بېدە توغراشقا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەلگە. ھازىر ئاساسەن دۆلەت بەلگىسى ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گېربى ئوتتۇرىدا بەش يۇلتۇز يورۇتۇپ تۇرغان تيەنئەنمېن راۋىقى، چۆرىسى باشاقلار ۋە چاق. مەخسۇس بەلگىلەنگەن ئورۇنلارغا ئېسىلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەمەلىي پاكىتقا ئۇيغۇن، يالغىنى يوق.
ئەخمەققە يالغانمۇ راست بولار. راست گەپكە جاۋاب يوق. راستنى قوللاش شەرەپ. چىن گەپ جاندىن ئۇلۇغ. «جىڭ ئالتۇن سىناق تېشىدىن قورقماس.» ھەق سۆز ئاچچىق بولار. ھەقنىڭ رىزقى ھەق. ھەق ئۆلۈم ئابروي. توغرا يۈز؛ توغرا سۆزلە؛ توغرا ئاڭلا؛ توغرا تۇر؛ توغرىنى دە؛ توغرىنى كۆر؛ تۈز كەس، توغرا ئېيت. تۈز دەرەخنىڭ پايدىسى تولا، تۈز ئادمنىڭ دوستى. ھەقىقىي سۆزگە قەسەم كەتمەيدۇ. ھەقىقىي بەخت قان - تەردىن كېلىدۇ. دوستۇڭغا دۇرۇس سۆزلە. جېنىڭنى ئېلىشقا قىلىچ تاڭلەنسىمۇ لىللا گەپ قىل.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەمەلىيەتكە، داۋلىغا، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن، مۇۋاپىق. توغرا يول
ناتوغرا، خاتا، غەلەت
ئەمەلىيەتكە، داۋلىغا، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئەمەس، مۇۋاپىق ئەمەس. خاتا يول
ھېسابچى توغرا بولسا، ھېساب خاتا بولماس. دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن. ناتوغرا ئىش بىلىنمەي قالماس. توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار. غەلىتە گەپ غەلۋە تۇغدۇرار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەگرى - بۈگرى، ئوي - دوڭغۇل، قىڭغىر - قىيسىق ئەمەس.
قىڭغىر، ئەگرى، قىيسىق، قىيا، مايماق
تۈز ۋە تەكشى ئەمەس، ئېگىلگەن، قىيسايغان.
ئىلىمدە تۈز يول يوق. يىلاننىڭ تۆشۈكى تۈز، ئۆزى ئەگرى. توغرا كىشى ئۇزار، ئەگرى كىشى توزار. راۋۇرۇس يۈر، ئەگرى يولدىن قورقما. ئۆزۈڭ قىڭغىر بولساڭمۇ گېپىڭ تۈز بولسۇن. قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر كىشى بىر ياق. قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر. قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار. قومۇشنى قىيا تۇتما، قولۇڭنى كېسىدۇ. قىرىق يىل قىڭغىر ئۆسكەن دەرەخ ئوتتۇز كۈندە تۈزەلمەس. مايماق ئېدىشنىڭ قاپقىقىمۇ مايماق. ئەگرى ياغاچمۇ رۇس يانىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. مەلۇم يۆنىلىشكە قارىمۇقارشى، ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئورۇنلاشقان، ئالدىنى توسۇپ تۇرىدىغان.
توغرا قىر. توغرا تام.
رەۋ. مەلۇم بىر نىشانغا قاراپ، ئۇدۇل.
بىر نەچچە ئون ئاتلىق نەۋكەرلەر ھەممىنىڭ ئالدىدا كىرىپ كەتتى، سادىر ئارقىدىن ئېتىنى قامچىلاپ، توغرا تاشقى سېپىلنىڭ ئىچىگە كىردى.
ئى. كەڭلىك، ئەن.
بۇ ئېتىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 66 مېتىر، توغرىسى 11 مېتىر بولۇپ، دەل بىر مو كېلەتتى.
رەۋ.ئارتۇق ياكى كېمى يوق، دەلمۇدەل.
- سىلى ئاغرىغاندىن باشلاپ، بۇ يىل توغرا يەتتە يىل بولدى، - دەپتۇ تۇردىقارى.
سۈپ. خاتاسى يوق، ناتوغرا ئەمەس؛ ھەقىقىي، راست.
ئەگەر توغرا جاۋاب بېرەلمىسەڭ، تىللانى شاھىمىزنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىشىڭ كېرەك.
ھاشىم: - بىر ھېسابتا كادىرلارنىڭ دېگەن سۆزلىرى توغرىكەن جۇمۇ، ئۆزى، - دېدى.
سۈپ. مۇۋاپىق، ئورۇنلۇق، يولىدا، لايىقىدا.
ئىجادىيەتكە ئاپتورلارمۇ توغرا مۇئامىلە قىلىشى، تەھرىرلەرمۇ توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
سۈپ. قۇۋلۇق، ئالدامچىلىقنى بىلمەيدىغان، پاك، دىيانەتلىك.
سىزدەك توغرا، ئاق كۆڭۈل ئادەمنىڭ بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىڭىزغا، ئىشىنىمەن.
بىر توپ كىشى تۇتماق بولۇپ ئوغرىنى، داۋراڭ سېلىپ چېلىپ ناغرىنى، <ئوغرى قاچتى> دېگىنىچە ۋارقىراپ، كېلىپ مەھكەم تۇتتى ئوغرى - توغرىنى.
يۈك <دۇرۇس، دەرھەقىقەت> دېگەن مەنىدە قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىدۇ.
توغرا، مەن بىر قېتىملا ئەمەس، بىر نەچچە قېتىم بۇ ھەقتە ئۆز ئىرادەمنى بىلدۈرگەنىدىم.
تىر. شەخس بىلەن تۈرلەنگەن شەكلىگە ئورۇن كېلىش قوشۇمچىس قوشۇلۇپ كېلىپ <ھەققىدە، ئۈستىدە> دېگەن مەنىدە تىركەلمە رولىدا كېلىدۇ.
كىمدۇر بىرى خاسىيەتكە چاقچاق قىلىپ، مېنىڭ توغرامدا بەزى گەپلەرنى قىلىپ، سىناپ باققان ئوخشايدۇ.