مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي ۋە ياكى روھىي جەھەتتىن غەيرىي نورماللىق ھالىتى.
«بولماق»،«قىلماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
بۇنداق ھالەتنىڭ ئېتىغا پەقەت «كېسەل» قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
كېسىلىگە قاراپ دورىسى. ئاغرىقىنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا. «ئاغرىقمەن» دەيدۇ، ھەممىنى يەيدۇ. خەستەكىشىگە خەت كېسىلمەيدۇ. دەرد باشقا، ئەجەل باشقا. دەرد كەلسە، دەرماق كېتەر. بىتاپ بولساڭ، ئاپتاپقا چىق. بىمار بولغانغا ھەسەلمۇ ئاچچىق. ئۇ كەم بولۇپ قاپتۇ، ئىشقا چىقالمايدىكەن، - دېدى. ئۇنىڭ بۈگۈن تاۋى يوق، مەجلىسكە بارالمايدۇ. مىجازم يوق، ئاغرىقچان بولۇپ قالدىم.
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىكېسەل، كېسەللىك.
بەدەننىڭ بىئاراملىقى. ئىگ توغا _ كېسەللىك، بەدەننىڭ بىئاراملىقى.
3 - 310
دائىرە: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىتۇغما، كىچىكىدىن تارتىپلا
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
تەبىئەت.