Uyghurئاساسىي لۇغەت
توغرا دىننىڭ ھەقىقەتلىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ خەنزۇچە يېزىلغان ئىسلام دىنى ئەسىرى بولۇپ، ئۇنى ۋاڭ دەييۈي يازغان. 1642 - يىلى يېزىلىپ بولغان. ئەسەر ئىككى جىلد بولۇپ، 1 - جىلدتا ئاللانىڭ بىرلىكى سۆزلىنىپ، ئاللانىڭ بەرھەقلىقى، دۇنيانى ياراتقانلىقى، ئەركىنلىكىنى تەقدىرگە پۈتكەنلىكى، جىسمانىي ۋە مەنىۋى ھاياتلىق بەرگەنلىكى، ھەق دىن - ھەق ئىلىم قاتارلىق مەسىلىلەر بايان قىلىنغان. ئۇلار بىلەن كۇڭزى تەلىماتى ۋە بۇددا دىنى سېلىشتۇرۇلغان؛ 2 - جىلدتا ئىستىقامەت قىلىپ ئىمان ئېيتىش توغرىسىدىكى تەلىمات بايان قىلىنغان. بەش پەرزگە سادىق بولۇش، تەڭرى يولى، بەندە يولى، ئاللانى ۋە ئۆزىنى تونۇش، خاسلىق، ياخشىلىق، يامانلىق، پانىي ئالەم ۋە باقىي ئالەم قاتارلىق مەسىلىلەر سۆزلىنىپ، ئىسلام دىنىنىڭ يېمەك - ئىچمەك، مال - مۈلۈك، ئۆرپ - ئادەت، ئادىمىيگەرچىلىككە دائىر تەشەببۇسلىرى شەرھلەنگەن. بۇ كىتاب ئېتىقاد، پەلسەپە، ئەخلاق، شەرىئەت بىلەن تەرىقەت بايان قىلىنغان خەنزۇچە ئەسەر بولۇپ، جۇڭگودىكى ئىسلام ئىلمى تارىخىدا ۋە دىن ئىلمى تارىخىدا مۇئەييەن ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇ كىتاب كۆپ نەشر قىلىنىپ، كەڭ تارقىتىلغان.