Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەتۈر قارىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نارازى بولۇپ قارىماي يۈرمەك.
باتنىغاننىڭ نېسىۋىسىنى باشقىلار يەر. يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان. ئىگىسىگە كېرەك بولسا، قوشنىسى ئۆپكىلىمەس. كۆپتىن قېيىداپ كۆنەلمەي قاپتۇ. ئۇ چاپان چۆرۈپ چىقىپ كەتتى. چاپىنىڭنىڭ پېشىنى قاققىنىڭ بىلەنمۇ ئىش پۈتمەيدۇ. تۇرسۇن نېمە بولدىكىن، تەتۈر قاراپ يۈرىدۇ. سىڭايان قارىغانغا سان يوق.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئاداۋەت ساقلاپ، قېيىداپ، باتناپ يۈرمەك؛ سوغۇق مۇئامىلدە بولماق: ئوڭشالغان يېزام ماڭا قاراپ تۇرسا، ھەمدەملىك قولىنى سۇنۇپ تۇرسا، مەن ئاڭا تەتۈر قارامدىمەن، چىرايلىق جاۋاب بەرمەي تۇرامدىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئاداۋەت ساقلاپ، قېيىداپ، باتناپ يۈرمەك؛ سوغۇق مۇئامىلىدە بولماق.
ئۇ، - رامزان ئاكام ئەمدى ماڭا ئۆلگۈدەك تەتۈر قارايدىغان بولدى - دە! - دېدى .