Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەتۈر يۆنىلىشلىك تورمۇز
پسىخولوگىيە
ئالدىدا ئۆگەنگەن ماتېرىيالنىڭ ئەستە ساقلىنىشىغا كېيىن ئۆگەنگەن ماتېرىيالنىڭ دەخلى قىلىشى تەتۇر يۆنىلىشلىك تورمۇز ياكى ئارقا تورمۇز دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تورمۇزنىڭ كۈچى ئالدىدا ئۆگەنگەن ماتېرىيال بىلەن كېيىن ئۆگەنگەن ماتېرىيالنىڭ خاراكتېرى، تەسلىك دەرىجىسى ۋە ئۆگىنىشنىڭ ۋاقتىغا باغلىق بولىدۇ، ئەگەر ئادەم ئالدىدا ئۆگەنگىنى بىلەن كېيىنكى ئۆگىنىشنىڭ ئارىلىقىدا بىر پەس دەم ئېلىپ، ياكى مەلۇم ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئۆگەنسە ۋە ياكى ئۆگىنىدىغان ماتېرىيال مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلسا، بۇ خىل تورمۇزلىنىشنىڭ كاشلىسىدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن.