Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاۋراق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى سۈرئەت.
ئىشى تېزنىڭ ئېشى تېز. تېز قارار قىلغان تېز توۋا قىلار. پات بېرىپ، پات كەل. چاپسانغا بار، لايىپاسقا يوق. ئاسان كەلگەن چاپسان كېتەر. بەك ئىتتىك پالتا پات گاللىشار. گىجىڭ ئۈستىدىن ئىلدام گاداي ياخشى. ھاياسىز ئىشلاردىن ئۆزۈڭنى تارتقىن، خەيرلىك ئىش بولسا، ئىلدامراق چاپقىن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تېز، چاپسان؛ چاققان.
تاۋراقىن كەل _ چاپسان كەل. بۇ سۆز سۈپەت بولۇپمۇ كېلىدۇ. مەسىلەن: تاۋراق ئىشچى _ چاققان ئىشچى، تېز ئىشلەيدىغان ئىشچى.
1 - 612
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
جىددىي، تىزلىك بىلەن