Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاۋاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. ئاياق، لېگەن.
چىنە تاۋاق، تۈنىكە تاۋاق.* ھېجىر تاۋاق، ياغاچ تاۋاق.* بىز بىر تاۋاقتا ئاش يېگەن.* ئېشىغا قاراپ تاۋىقى، ئىشىغا قاراپ سىمكىرى ( ماقال ).* تاۋاق توشۇغان تاماق سورىماس.
2. تويدا، ھازىدا بىراۋغا ئېلىپ بارىدىغان ئاش. تاۋاق ئەپبارماق.* بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم، يانمىساڭ يېرىم يولدا سۇن تاۋىقىم ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
مەتبەئەچىلىك ئاتالغۇسى. قەغەز تاختىسى.
« قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى » م م 1168×850، 32 فورمات، 7.5 باسما تاۋاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاماق ئۇسىدىغان ئاستى ياپىلاق مەخسۇس قاچا.
تاماق توشۇغان تاۋاق سورىماس. ئېشىنى يەپ تاۋىقىنى چېقىپتۇ. بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم، يانمىساڭ سۇن تاۋىقىم. ئېشىغا قاراپ كېگىنى، ئېشىغا قاراپ سىمكىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ياغاچىتىن ئويۇپ، قىرىپ ياسالغان تەخسە شەكىللىك قاچا، ئاياق.
ھەر خىل لېگەنلەر.
چىنە تاۋاق. تۈنىكە تاۋاق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تاختا.
باسما تاۋاق.