Uyghurئاساسىي لۇغەت
تايانماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باشقا بىر ئادەم ياكى نەرسىگە ئۈمىد باغلىماق.
نېمىشقا ئۆزگىگە لازىم تايانماق، ئۆزگىگە تايىنىپ تەستۇر جان باقماق. ئاقىل ئەمگىكىگە يۆلىنەر، نادان خام خىيالغا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنى تىرەك، يۆلەك قىلماق، ئۇنىڭغا تىرىلىپ، يۆلىنىپ تۇرماق ياكى ماڭماق.
ياتقان ئورنىڭدىن تايىنىپ قوپما (ماقال).
بىرەر مەقسەت ۋە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىرەر نەرسىنى مەنبە، تايانچ، ئاساس قىلماق، ئۇنىڭغا يۆلەنمەك.
ئاممىغا تولۇق تايانغاندىلا، ئىنقىلابتا غەلىبە قىلىغىلى بولىدۇ.