Uyghurئاساسىي لۇغەت
تايتوكونان
دۇنيا تارىخى
(1866 - 1934) ياپونىيە تارىخشۇناسى. ئەدەبىيات دوكتورى. ئىسمى توراجىرو. تەخەللۇسى ئاكىگيو. ئاكىتا ناھىيىسى پېداگوگىكا مەكىتپىنى پۈتتۈرگەن.<ياپونلۇق>، <ئاسىيا> دېگەن ژۇرناللاردا مۇھەررىر بولغان. كېيىن <ئوساكا ئاساھى خەۋەرلىرى>، <تەيۋەن گېزىتى> دە مۇخبىر بولغان. 1898-يىلى <يوروزۇچوھو> گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1909-يىلى كىيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1926-يىلى ئىمپېرىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىقىغا سايلانغان. مەخسۇس جۇڭگو تارىخىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە جۇڭگونىڭ قەدىمكى شېئىرلىرى، خەتتاتلىقى ۋە رەسسماچىلىقىغا ماھىر ئىدى. جۇڭگونىڭ سىياسىي تارىخى، ئىدىيە تارىخى، تارىخشۇناسلىق تارىخى ۋە رەسسامچىلىق تارىخىغا دائىر كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <جۇڭگو ھەققىدە>، <يېڭى جۇڭگو ھەققىدە>، <تارىخ ئوقۇشتىن خاتىرىلەر>، <جۇڭگو رەسسامچىلىق تارىخى>، <جۇڭگو تارىخشۇناسلىق تارىخى> قاتارلىقلار بار. كېيىن 14 توملۇق <نايتوكانان ئەسەرلىرى> نەشر قىلىنغان.