Uyghurئاساسىي لۇغەت
تايانچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھىمايە قىلىدىغان، يۆلەيدىغان ئادەم ياكى نەرسە.
تايانچ بولمىسا، ئىش ئاقمايدىغان بولۇپ قالدى. يار قېشىمدا ئولتۇرسا، تاغدەك يۆلەك ئەمەسمۇ، ئاغزىدا دېگەن بىلەن كۆڭلى بۆلەك ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئارقا تىرىكى كۈچلۈك ئىكەن، بىزمۇ كۈچلۈكرەك ئارقا تىرەك تاپايلى. ھىماتىڭغا ئىشەنمە، قۇدرىتىڭگە ئىشەن. سېنى پاناھ تارتىپ كەلدىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باشقىلارغا مەلۇم بولمىغان، باشقىلاردىن مەخپىي تۇتىدىغان ئىش، گەپ، نەرسە.
چىشنىڭ سىرىنى تىل بىلەر. ئوغرىنىڭ سىرى كۆزىدە. دۈشمەن سىرىنى دۈشمىنىگە بەرمەس. كۆز - نۇرنىڭ ئۈلگىسى، كۆڭۈل - سىرنىڭ ئۇۋىسى. كۆڭۈلدىكى سىرنى كۆز ئاشكارىلايدۇ. مەخپىيىتىڭنى ساتقۇن ئاچار. ئەڭ يۈكسەك دوستلۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ مەخپىيەتلىك بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەيرخاھ؛ ياردەملەشكۈچى، يۆلىگۈچى.
دادىلغا بەخت يار. يارىم يار بولسا، ھېچنېمىدىن قورقمايمەن. يىقىلغانغا يۆلەك بول. يار قېشىمدا ئولتۇرسا، تاغدەك يۆلەك ئەمەسمۇ، ئاغزىدا دېگەن بىلەن، كۆڭلى بۆلەك ئەمەسمۇ. بۇ بوستاندا دوستلار بولمىسا تىرەك، نېسىپ بولماس، مەقسەت گۈلىنى تەرمەك. تايانچ تاپتىم تالادىن، قۇتۇلۇپ قالدىم بالادىن. ئەر قانىتى - ئات.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سىرداش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تايىنىدىغان، ياردەمدە بولىدىغان كۈچ.
ئىشلەپچىقىرىش تايانچلىرى.
تايانچ بازا.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
سىرداش: تايانچى، تېرەك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
مەسلىھەتچى، سىرداش. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.