Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۈي جىيۈەن
دۇنيا تارىخى
(857 - ؟) چاۋشىيەن سىللا مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدىكى داڭلىق كۇڭزىچى. ئىسمى گۇيۈن، خەيى يۇن، ئۆلگەندىن كېيىنكى نامى چاڭ خۇ، جىڭجۇ شالياڭبۇلىق. كىچىك ۋاقتىدا زېرەك، ئۆگىنىشكە ئامراق بولۇپ، 21 يېشىدا تاڭ سۇلالىسىگە ئوقۇشقا بارغان. مىلادى 874 - يىلى سىللا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى جىڭ ۋىنۋاڭنىڭ 14 - يىلى (تاڭ سۇلالىسى چيەنخۇنىڭ تۇنجى يىلى) تاڭ سۇلالىسىدە ئىمتېھاندىن ئۆتۈپ، ئەمەل بېرىلگەن. سېرىق ياغلىقلار قوزغىلىڭى مەزگىلىدە، تاڭ سۇلالىسىنىڭ بارگاھ قوشۇنىنىڭ باش نازىرى گاۋپىيەن تەرىپىدىن مۇلازىم قىلىنىپ، مۇنشىلىق ۋەزىپىسى بېرىلگەن، ئۇ ئېلان يېزىپ، دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 885 - يىلى (سىللاشيەن كاڭۋاڭنىڭ 11 - يىلى، تاڭ سۇلالىسى گۇاڭچىنىڭ تۇنجى يىلى) دۆلىتىگە قايتىپ،مۇدەررىس، قوشۇمچە باش مىرزا، لەشكىرى بۆلۈم يانداش بەگ جى رۇينىڭ مۇنشىسى بولغان، كېيىن يەنە داشەن ئايمىقى، فوچېڭ ئايمىقىغا ئامباللىققا يۆتكەلگەن. 893 - يىلى (ئايال شاھ جېن شىڭنىڭ 7 - يىلى، تاڭ سۇلالىسى جىڭفۇنىڭ 2 - يىلى) تاڭ سۇلالىسىگە بارىدىغان ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن، خەلق قوزغىلىڭى تۈپەيلىدىن بارالمىغان. ئىككىنچى يىلى، ئاشى ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئەمىلىدىن ئىستىپا بېرىپ، جايلارنى زىيارەت قىلىپ، پىنھان ياشىغان. جياشيەندىكى خەييىن ئىبادەتخانىسىدا ئۆلگەن. 20 توملۇق <گۈي يۈەن نەزمىلىرى> دېگەن شېئىرلار توپلىمى بار.