Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۈيدۈك خالتىسى
بىئولوگىيە
ئامنىئونلۇق ھايۋانلار (يەر باغىرلىغۇچىلار، قۇشلار ۋە ئېمىتكۈچىلەر) نىڭ تۆرەلمە ئىپتىدائىي ئۈچىيىنىڭ ئارقا قىسمىنىڭ قورساق تەرىپىنىڭ بۆرتۈپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن پەردىلىك خالتا. ئۇ ئىچكى - تاشقى ئىككى قەۋەتلىك، ئىچكى قەۋىتى ئېندوبلاست، سىرتقى قەۋىتى بولسا، ئىچكى ئورگان (ھەزىم قىلىش ئورگانلىرى) دىۋارىنىڭ مېنزوبلاستىدىن شەكىللەنگەن. ئىپتىدائىي ئۈچەيگە تۇتاشقان بىر تەرىپى سۈيدۈك خالتا سېپى دېيىلىدۇ. بۇ تۆرەلمە سىرتىدىكى ئورگان يەر باغىرلىغۇچىلار ۋە قۇشلاردا ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قان تومۇرلار مول بولىدۇ. سۈيدۈك خالتىسىنىڭ تۆرەلمە ئاجرىتىپ چىقارغان سۈيدۈك سۇيۇقلۇقىنى يىغىپ ساقلاش فۇنكسىيىسى (سۈيدۈك خالتىسىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى) بولغاندىن باشقا، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، يەنى نەپەسلىنىش فۇنكسىيىسىمۇ بولىدۇ. ئېمىتكۈچىلەرنىڭ سۈيدۈك خالتىلىرىنىڭ بەزىلىرى تەرەققىي قىلغان بەزىلىرى تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، بالا ھەمراھىنىڭ تەركىبىگە قاتنىشىدۇ. ئادەم تۆرەلمىسىنىڭ سۈيدۈك خالتىسى تەرەققىي قىلمىغان شۇنىڭدەك چىقىرىۋېتىش رولىمۇ يوق، لېكىن ئۇنىڭدىكى قان تومۇرلار يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان كىندىك قان تومۇرىغا ئايلانغان بولۇپ، تۆرەلمە (ئېمبرىئون) بىلەن ئانا تەنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرىدىغان مۇھىم يولى ھېسابلىنىدۇ.