Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۈيدۈك چىقىرىش كۆپىيىش سىستېمىسى
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى بىلەن سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى خىزمىتى جەھەتتىن قارىغاندا تۈپتىن پەرقلەنسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى سىستېما تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ۋە مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتە بىر - بىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى قوش ماكانلىقلاردا سپېرما (ئۇرۇق) توشۇشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا بەزى كىشىلەر ئېمبرىئولوگىيىلىك ۋە ئاناتومىيە نۇقتىسىدىن قاراپ ئۇلارنى دائىم بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلىدۇ ھەمدە ئومۇملاشتۇرۇپ <سۈيدۈك چىقىرىش - كۆپىيىش سىستېمىسى> ياكى <ئاجرىتىپ چىقىرىش - كۆپىيىش سىستېمىسى> دەپ ئاتايدۇ.