Uyghurئاساسىي لۇغەت
سپېرما خالتىسى
بىئولوگىيە
<ئاتىلىق ئورگان> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۈسۈن ۋە زەمبۇرۇغلارنىڭ سپېرما ھاسىل قىلىدىغان تاق ھۈجەيرىلىك ئاتىلىق كۆپىيىش قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر ياكى بىردىن كۆپ سپېرما بولىدۇ. مەسىلەن، قىزىل، قوڭۇر يۈسۈن قاتارلىقلار. سپېرما خالتىسى بەزىدە كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزلىدۇ. مەسىلەن، قارا يۈسۈننىڭ سپېرما خالتىسىنىڭ سىرتىدا سەككىز دانە قالقانسىمان ھۈجەيرە بولۇپ، بىر قانچە تال سپېرما يېپىنچىسىنى ھاسىل قىلدۇ، ھەر بىر تال سپېرما يېپىنچىسىدا بىر قانچە دانىدىن سپېرما ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرە بولىدۇ. شۇڭا بەزىلەرنىڭ ئۇنى سپېرما خالتىسى دېگىنىدىن كۆرە سپېرما خالتا شارچىسى دېگەن ياخشى.