Uyghurئاساسىي لۇغەت
سپىرال قاپقاق
بىئولوگىيە
ئۇ بەزى تۆۋەن دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ھەزىم قىلىش يولى ياكى يۈرىكىنىڭ بەزى قىسىملىرىنىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى بىر خىل پەردە ياپراقچە شەكلىدىكى تۈزۈلۈش. ئۇنىڭ رولىمۇ ھايۋان تۈرىگە قاراپ ئوخشاشمايدۇ. تەخسىسىمان ساقاقلىقلار (ژابرالىقلار). بەزى قاتتىق تەڭگىچىلىك بېلىقلار ھەم ئاز ساندىكى سۆڭەكلىك بېلىقلارغا ئوخشاشلارنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئىچكى توسۇقى (شىلىمشىق پەردىسى) بۆرتۈپ چىقىپ قاتلاقنى شەكىللەندۈرۈپ قاپقاقسىمان سپىرال ھالەتكە كەلگەن بولۇپ، ھەزىم قىلىشنى كۈچەيتىش، ئوزۇقلۇقنىڭ ئالغا سىلجىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم سۈمۈرۈش يۈزىنى كۆپەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. قوش ماكانلىقلارنىڭ ئارتېرىيە كونۇسىنىڭ (ياكى يۈرەك شارچىسى دەپ ئاتىلىدۇ، يۈرەكنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى) ئىچكى پەردىسى بۆرتۈپ چىقىپ ئۇزۇنىغا جايلاشقان سپىرال قاپقاقنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئارتېرىيە كونۇسىنىڭ قىسقىرىشىغا ئەگىشىپ ئايلىنالايدۇ. ئۇ ئوكسىگېن مىقداى ئوخشىمايدىغان قان سۇيۇقلۇقىنى تەقسىملەشكە ياردەملىشىش رولىغا ئىگە. قان تومۇرى بىلەن يۈرەكنىڭ تەركىبىي قىسىملىرىنىڭ تۈزۈلۈش جەھەتتىكى پەرق مۇناسىۋىتى نەتىجىسىدە، يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قىسقىراش جەريانىدا سپىرال قاپقاق قان سۇيۇقلۇقىنى ئايرىپ ئاققۇزۇش رولىنى ئۆتەپ يۈرەكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئوكسىگېن مىقدارى ئاز بولغان قان سۇيۇقلۇقىنى ئالدى بىلەن ئۆپكە ئاتېرىيىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، سپىرال قاپقاق كونۇسسىمان ئارتېرىيىنىڭ قىسقىرىشىغا ئەگىشىپ ئايلىنىپ يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئارىلاش قاننى ئۆپكە ئارتېرىيىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ سو ل تەرىپىدىكى ئوكسىگېن مىقدارى يېتەرلىك بولغان قان سۇيۇقلۇقىنى بويۇن ئارتېرىيىسى ئارقىلىق باش قىسىم مېڭە قان تومۇرلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.