Uyghurئاساسىي لۇغەت
سپونگىيە
بىئولوگىيە
ياكى <دېڭىز بۇلۇتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى بىر تىپ. ئۇ كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋاناتلار ئىچىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك بىر خىلى. ئۇنىڭ تەن دىۋارىدا نۇرغۇنلىغان كىچىك تۆشۈكچىلىرى بولغاچقا <كۆپ تۆشۈكلۈك ھايۋان> ]پورىفېرا (porrfera)[ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆپچىلىكى سىممېترىيسىز، تەن شەكلى خىلمۇ خىل، چەينەكسىمان، بوتۇلكىسىمان، ئوغۇرسىمان قاتارلىق شەكىللەردىكى ئىندىۋىدلىرى بولۇپ، دائىم بىرلىكتە كولونىيىلىشىپ شاخسىمان، شارسىمان ياكى تەرتىپسىز شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ. يېتىلگەن تېنىنىڭ ھەممىسى مۇقىملىشىپ ھايات كەچۈرىدۇ. تېنىنىڭ ئەركىن تۇرىدىغان تەرىپىدە بىر چوڭ تۆشۈك (سۇ چىقىرىش تۆشۈكى) بولىدۇ. بەدەن دىۋارى ئىچكى تاشقى ئىككى قەۋەت ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئېلېكترومىكروسكوپتا ئۇلارنىڭ بوش بىرىككەنلىكىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. سىرتقى قەۋەت ھۈجەيرىلىرى ياپىلاقراق بولۇپ، قوغداش رولىغا ئىگە؛ ئىچكى قەۋەت ھۈجەيرىسىدە بىر سۈزۈك پروتوپلازما ياقىغا بىر تال قىلئاياغ ئورالغان بولۇپ، <ياقا ھۈجەيرە> دېيىلىدۇ. ئاساسەن ئوزۇقلۇق تۇتۇش ھەم ھۈجەيرە ئىچىدە ھەزىم قىلىش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئىككى قەۋەت ھۈجەيرە ئارىلىقى ئوتتۇرا كوللوئىد قەۋىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاميوباغا ئوخشايدىغان ئەركىن ھۈجەيرە، سۆڭەك ھاسىل قىلىش ھۈجەيرىسى، بۇلۇت ماددا ھۈجەيرىسى ھەم كۆپىيىش ھۈجەيرىسى ۋە باشقا ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىش فۇنكىسيىسىگە ئىگە بولغان دەسلەپكى ھۈجەيرىلەر بولىدۇ. بەدەن دىۋارىدا كالتسىي ماددىسى ياكى كرېمنىي ماددىسىدىن تۈزۈلگەن سۆڭەك يىڭنىسى ياكى بۇلۇت تالاسى بولۇپ، تىرەكلىك رولىنى ئوينايدۇ. بۇ كلاسسىفىكاتسىيىلەشنىڭ (تۈرگە ئايرىشنىڭ) دەلىلى ھېسابلىنىدۇ. سۇ كىرىش تۆشۈكى (بەدەن دىۋارىدىكى كىچىك تۆشۈكلەر) ئېقىپ كىرىش ئېرىقچىسى، قىلئاياغ تۈك خالتىسى (ياقا ھۈجەيرە ئوراپ ھاسىل قىلغان بوشلۇق)، ئېلىپ چىقىش ئېرىقچىسى، سۇ چىقىش تۆشۈكى (ئەركىن تەرىپىدىكى چوڭ تۆشۈك) قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئالاھىدە قانال سىستېمىسى بولۇپ، دېڭىز سۈيىنىڭ كىرىپ - چىقىش يولى ھېسابلىنىدۇ. سۇ ئېقىمى ئارقىلىق ئوزۇقلۇق، ئوكسىگېنلارنى ئېلىپ كىرىدۇ ھەمدە كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى؛ تۈكلۈك چۆگۈنسىمان بۇلۇت (گرانتىيە)، يۇيۇنۇش دېڭىز بۇلۇتى، گىيالونېما بۇلۇتى قاتارلىقلار. بۇ تىپتىكى ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز ساندىكى تۈرلىرىنى ماشىنا - ئەسۋابلارنى، مىلتىق - توپلارنى سۈرۈشكە ۋە باسمىچىلىق ھەم يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بەزى تۈرلىرى قاسىراق - قاپلارنى بۇرۇۋېتەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن قۇلۇلە - سەدەپ باقمىچىلىقىنىڭ زىياندىشى ھېسابلىنىدۇ.