Uyghurئاساسىي لۇغەت
سپېكې
دۇنيا تارىخى
(1827 - 1864). ئەنگىلىيىلىك مۇستەملىكىچى، ئېكسپېدىتسىيىچى. 1844 - يىلى ئەنگىلىيەنىڭ ھىندىستان قوشۇنىغا كىرگەن. ھىمالايا تېغى ۋە شىزاڭغا بېرىپ <ساياھەت قىلغان>. 1854 - يىلى بۇرتۇن تەكشۈرۈش ئەترىتىگە كىرىپ، سۇمالىنى كېزىپ تەكشۈرۈشكە بارغان. 1856 - يىلى بۇرتون بىلەن بىللە يەنە ئافرىقىغا بېرىپ، شەرقىي ئافرىقىدىن قىرغاقنى بويلاپ ئىچكىرىلەپ كىرگەن ۋە 1858 - يىلى 2 - ئايدا تانگانىكا كۆلىگە يېتىپ بارغان. بۇرتون ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ داۋملىق ئىلگىرلەپ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چوڭ بىر كۆلنى <تېپىپ>، ئۇنىڭغا ئەنگىلىيە كۇرۇلىۋاسى ۋىكتورىيەنىڭ نامىنى قويغان. 1860 - يىلى ئۇ گرانت بىلەن بىللە شەرقىي ئافرىقىنى كېزىپ تەكشۈرۈشكە بېرىپ،ۋىكتورىيە كۆلىنى تەكشۈرۈپ خەرىتىسىنى سىزغان. 1863 - يىلى سۇداننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى گوندوكورۇغا بېرىپ، باكېر قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ، تەكشۈرۈش ئاخباراتلىرىنى ئالماشتۇرغان. 1863 - 1864 - يىللىرى ئافرىقىنى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ئېلان قىلغان. 1864 - يىلى بىرقېتىملىق كۈتۈلمىگەن ۋەقەدە ئۆلگەن.