Uyghurئاساسىي لۇغەت
سولۇت مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
ياۋرۇپادىكى كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئاۋرىگنا مەدەنىيىتى بىلەن ماگدلېنىيېن مەدەنىيىتى ئارىلىقىدىكى بىرخىل مەدەنىيەت. ئەڭ دەسلەپ فرانسىيىنىڭ لىئون ئەتراپىدىكى سولۇتتا تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. فرانسىيە ئارخېئولوگى مورتىللېت قاتارلىقلار بۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تاش قوراللار ياساش تېخنىكىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان. بېسىپ ياساش ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەن. تىپىك تاش قوراللىرى ئىچىدە يوپۇرماق شەكلىدىكى ئۇچلۇق قوراللار ۋە ئۇششاق ئۇچلۇق قوراللار بار. ئۇچلۇق قوراللارنىڭ ئەسلى ماتېرىيالدىكى تاش بىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 سانتېمېتىردىن يۇقىرى بولۇپ، بۈگۈنگىچە مەلۇم بولغان. ئاجرىتىش تېخنىكىسى تولىمۇ ئۈستۈن بولغان، ئەڭ ئۇزۇن قورال ھېسابلىنىدۇ. تېپىلغان قوراللار ئىچىدە يەنە ئۇستىخان يىڭنە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇستىخان قوراللار ۋە نەقىشلەر سىيلىق ئەمەس.