Uyghurئاساسىي لۇغەت
سولمان
دۇنيا تارىخى
(1824 - 1874) شۋىتسىيە مۇخبىرى. 1857 - 1874 - يىللىرى شۋىتىسيە <كەچلىك گېزىتى>نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. سىكاندىناۋىچىلىقتا چىڭ تۇرۇپ، شىمالىي ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ زىچ بىرلشىشىنى تەشەببۇس قىلغان. دانىيىنىڭ گېرمانىيىنىڭ شلېسىۋېگىنى يۇتۇۋېلىشىغا قارشى تۇرۇشنى قوللىغان، لېكىن چوڭ شۋىتسىيىچىلىك ئىدىيىسى بولغانلىقتىن، فىنلاندىيىدىكى شۋېتلار فىنلاندىيىدىكى ھۆكۈمران مىللەت بولۇشى كېرەك دەپ قاراپ، فىنلاندىيىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن.