Uyghurئاساسىي لۇغەت
سولوگۇب
دۇنيا تارىخى
(1863 - 1927) روسىيىلىك يازغۇچى، سىمۋولچىلار ۋەكىلى. ئەسلى ئىسمى فيودور كۇزمىچى تېتېرنىكوۋ. ماشنىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سىفەن شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇزاققىچە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1884 - يىلدىن باشلاپ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. <پاتىسان>، <ئۆلۈكنىڭ سېھرىي كۈچى> قاتارلىق رومانلىرى بار، شۇنىڭدەك شېئىر ۋە سەھنە ئەسەرلىرى بار. ئەسەرلىرى چۈشكۈنلۈك كەيپىياتى بىلەن تولغان، رېئاللىتىن ئايرىلىشنى تەشۋىق قىلغان. 1917 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىنى ھىمايە قىلغان، لېكىن ئۆكتەبر ئىنقىلابىغا قارىتا تونۇشى كەم بولغان.