Uyghurئاساسىي لۇغەت
سودا سېتىق ئەھكامى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
«سودا - سېتىق ئەھكامى»بۇ شەرىئەتتە قوللىنىلىدىغان سۆز بولۇپ، شەرىئەتنىڭ سودا - سېتىققا دائىر قانۇن - نىزاملىرى <سودا - سېتىق ئەھكامى> دېيىلىدۇ. بۇنىڭ مەزمۇنى مالغا مال ئالماشتۇرۇش، تاۋار سودىسى، ئېلىم - سېتىم پۈتۈمى، ئۆتنە - قەرز پۈتۈمى، قەرز ئىشلىرىنى يۆتكەش پۈتۈمى، ئىجارە پۈتۈمى، ئۆسۈمنى چەكلەش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى سودا - سېتىقتا ئادىل بولۇش، پەيتنى كۆزلەپ تۇرۇپ، ئەپچىللىك بىلەن پايدا ئېلىشقا، جازانە بېرىپ پايدا ئېلىشقا، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە، ناچار مالنى ياخشى مال ئورنىدا سېتىشقا، بازار زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، لەۋزىدە تۇرۇشنى، توختامنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى، سەمىمىي سودا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قەدىمكى فەقىھلەر سودا - سېتىقنىڭ نەزەرىيە پرىنسىپلىرىنى، دىنىي ئەخلاق قائىدىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سودا - سېتىق ھەققىدە سىستېمىلىق تەلىمات، بەلگىلىمىلەر يوق ئىدى. ئەمەلىيەتتە جايلارنىڭ سودا - سېتىققا دائىر ئادەت ئەھكاملىرى ۋە ئادەتلىرى ئاساس قىلىناتتى. يېقىنقى زاماندا قانۇن - تۈزۈم ئىسلاھاتى ئارقىلىق، شەرىئەتنىڭ سودا - سېتىق ئەھكاملىرىنىڭ ئورنىنى ھازىرقى زامان سودا قانۇنى ئىگىلىدى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن كېيىن، ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى كۆتۈرۈلۈپ، بىر قىسىم ئىسلام ئۆلىمالىرى ئەنئەنىۋى سودا - سېتىق پرىنسىپلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رېئال ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.