دائىرە: گىئولوگىيەبىر خىل مىنېرال، يەنى دالا شىپاتسىمانلاردىن بىرى. تەڭ ئوقلۇق كرىستال سىستېمىسىدا بولۇپ كۆپىنچە دانىچە ياكى كاللەك ھالىتىدە ئۇچرايدۇ، رەڭسىز ياكى ئاقۇچ گۈل رەڭ كېلىدۇ، بەزىدە سەل - پەل كۆك ئارىلاشقانمۇ بولىدۇ. ئەينەك پارقىراقلىقىدا. قاتتىقلىقى 5.5 - 6؛ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 2.14 - 2.30. ئاساسەن ئىشقارلىق ئېتىلما جىنسلار ئارىسىدا بولىدۇ.