Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سلابھادرا
دائىرە: دۇنيا تارىخى戒贤
jiè xiàn
(تەخمىنەن )Ⅵ - Ⅶ ئەسىر( قەدىمكى ھىندىستاندا ماھايانا بۇددا دىنىي يوگاسارا مەزھىپىنىڭ ئۇستازى. خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بىراخمانلار تائىپەسىدىن. كېيىن ماگادخا دۆلىتىدىكى نالاندا ئىبادەتخانىسىدا راھىب بولۇپ، دارماپالاغا شاگىرت بولغان. جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كاتتا راھىب شۈەنزاڭ ئۇنىڭدىن بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇددىزم قائىدە - يوسۇنلىرىنى ئۆگەنگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.